ب د ت باش كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائېش توغرىسىدا دوكلات سۇندى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ دۇنياۋى تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1139660
ب د ت باش كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائېش توغرىسىدا دوكلات سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان دائېش دوكلاتىدا: «دائېش ئىراق ۋە سۈرىيەدە مەخپىي تېررورلۇق تورىغا ئايلاندى، دۇنياۋى تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس تەرىپىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلۇپ، ھازىرچە ئېلان قىلىنمىغان ۋە ب د ت تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش كومىتېتى، ئېمبارگو نازارەت مېخانىزمى ھەمدە ب د ت نىڭ باشقا تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا: «دائېش ئىراق بىلەن سۈرىيەدە مەخپىي تېررورلۇق تورىغا ئايلاندى، دۇنياۋى تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بۇ تەھدىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھازىرمۇ ئەبۇبەكىر ئەل باغدادى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىنىڭ تارقالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تەشكىلاتنىڭ ئىراقتا مەخپىي تېررورلۇق تورىغا ئايلانغانلىقى، ئۆتكۈنچى، ماسلىشىش ۋە كۈچلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ۋىلايەت سەۋىيەسىدە ئۇۋىلىرىنى تەشكىللىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىراقتىكى دائېش تورىنىڭ سۈرىيەدىن قېتىلغان قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن تولۇقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، دائېش سۈرىيەدە ۋە بەزى دۆلەتلەردىمۇ ئىراقتىكىگە ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئايلىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دائېشنىڭ «خەلىپەدىن كېيىنكى دەۋردە» مۇقىملىققا ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇشقا پالتا چېپىشنى، ئۇل-ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلىشنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، تەشكىلاتنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە بولۇشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دائېش ئەڭ خەتەرلىك تېررورىست تەشكىلاتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە يېقىن كېلەچەكتە كەڭ كۆلەملىك مۇرەككەپ ھۇجۇملارنى پەيدا قىلىشى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى، خىمىيەلىك، بىئولوگىيەلىك، رادىياكتىپلىق ماتېرىياللار ۋە يادرو ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىشقا ئىزچىل قىزىقىۋاتىدۇ.»

ئۇرۇش رايونلىرىدىن ئايرىلغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ، قايتىدىن ئاكتىپلىشىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ تەھدىتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان دوكلاتتا، ئاشقۇن ئاياللار ۋە روھىي ئازاپلارنى باشتىن كەچۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭمۇ تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قانۇنسىز ئالتۇن سودىسى قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، دائېشنىڭ ھازىرمۇ 30 مىليوندىن 50 مىليون دوللارغىچە ئىقتىسادىي مەنبەگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.  

دوكلاتتا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا كونترول قىلغان 3 مىڭى چەت ئەللىك ۋە 14 مىڭدىن 18 مىڭغىچە باشقا جەڭچىسىنىڭ بارلىقى» قەيت قىلىندى.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ئىراقتا تەخمىنەن 3 مىڭ دائېش قوراللىق ئۇنسۇرىنىڭ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر