بارزانى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تەشكىل قىلغان مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئالىي كومىتېتى باشلىقى ناسىر ھەرىرى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1137622
بارزانى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارزانىنىڭ ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى مەسئۇد بارزانى ئەربىلدە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تەشكىل قىلغان مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئالىي كومىتېتى باشلىقى ھەرىرى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سىياسىي ۋە دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ رولى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر