شەنشىدا كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 21 ئىشچى ئۆلدى
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە بىر كۆمۈر كېنى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 21 ئىشچى جېنىدىن ئايرىلدى.
1124564
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تارقىتىش ئورگانلىرىدىن «Global Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنمۇ شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا تۈنۈگۈن كەچتە گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقە ئەسناسىدا كاندا ئىشلەۋاتقان 87 ئىشچىنىڭ 66 سى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، قاپسىلىپ قالغان 21 ئىشچىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.