ناتو كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئارمىيەگە ئۆزگەرتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئارمىيەگە ئۆزگەرتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1107089
ناتو كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئارمىيەگە ئۆزگەرتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ  ماقۇللىنىشىنىڭ ھازىرچە توغرا ئەمەسلىكىنى ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشنى كوسوۋا ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى، بىراق بۇ ھازىر بېرىدىغان قارار ئەمەس ئىدى، بىز ھازىرچە بۇنىڭ قارار قىلىنماسلىقىنى تەكىتلەپ كەلدۇق.»

ستولتېنبېرگ ناتونىڭ كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشكە قارشى چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق كوسوۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ  ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناتونىڭ كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى بۇرۇندىن تارتىپ قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، بۇنىڭدىن كېيىن ناتو بىلەن كوسوۋا «ئارمىيەسى»ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كوسوۋا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى  ۋاستىسى ئارقىلىق كوسوۋانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق تەرەپلەرنى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتماسلىققا چاقىردى.

كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى كوسوۋا پارلامېنتىدا ماقۇللانغانىدى.

كوسوۋا پارلامېنت ئەزالىرى كوسوۋا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، خىزمەت شارائىتى ۋە كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى مىنىستىرلىقىنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

مەزكۇر قانۇن كوسوۋا پىرېزىدېنتى ھاشىم تاچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كوسوۋا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى كوسوۋا ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر