مىسىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشكە تەييارلانماقتا

مىسىر ھۆكۈمىتى، دۆلەت مىقياسىدا نوپۇس ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇپ 2030 – يىلىغىچە 8 مىليون بوۋاقنىڭ كەم تۇغۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى پىلانلىماقتا.

1105286
مىسىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دۆلەتلىك نوپۇس كېڭىشى دوكلاتچىسى ئامىر ھەسەن، سۇۋەيش شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، مىسىر نوپۇسىنىڭ 98 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، ھەر يىلى 2 يېرىم مىليون بوۋاقنىڭ دۇنيا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى مۇشۇ سۈرئەت بويىچە داۋاملاشقان تەقدىردە 11 يىلدىن كېيىن مىسىر نوپۇسىنىڭ 119 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھەسەن، بۇ مۇددەت ئىچىدە دۆلەت نوپۇس ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، 8 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇ سىياسەت ئۈنۈملۈك بولغان تەقدىردە، 2030 – يىلى نوپۇسنىڭ 111 مىليون بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىستراتېگىيەنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن ھەسەن، نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ يوقسۇللۇق، ساۋاتسىزلىق، بالا ئىشچىلار ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيلىنىش قاتارلىقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، مىسىردا 2008 – يىلى %22 بولغان يوقسۇللۇق نىسبىتى 2015 – يىلى %28 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مىنيە، ئەسيۇت، سۇھاج ۋە قانا ۋىلايەتلىرىدە يوقسۇللۇق نىسبىتى %50 دىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر