كامېروندا 13 بۆلگۈنچى ئۆلتۈرۈلدى

كامېرون ئارمىيەسى بىلەن ئىنگىلىزچە سۆزلىنىدىغان رايونلاردىكى بۆلگۈنچى كۈچىلەر بىلەن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

1072927
كامېروندا 13 بۆلگۈنچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون ئارمىيەسى بىلەن ئانگلوفون (ئىنگىلىزچە سۆزلىنىدىغان)رايوندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 13 بۆلگۈنچى ئۆلتۈرۈلدى.

شىمالىي-غەربىي ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ئاگا روبىنسون، بۆلگۈنچىلەرنىڭ نىۋا شەھىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق بىر بىناغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا ئىككى ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان روبىنسون، رايونغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال روبىنسون بۆلگۈنچىلەرنىڭ يېزىدىكى 2 كىشىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئېيتتى.

ھەپتە ئىچى كامېروننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئانگلوفون رايونىدا ئەسكەرلەر بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 بۆلگۈنچى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

كامېروندا 7-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەۋەبىدىن، كامېروننىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە غەربىي شىمالىي رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى.

سايلامدا ئانگلوفون (ئىنگىلىزچە سۆزلىنىدىغان)رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سايلام ساندۇقلىرىنىڭ %40گە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك بېلەت تاشلانمىدى.

سايلامدىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋنلىق ۋەقەلىرىدە بۆلگۈنچى ۋە ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 30 ئادەم ئۆلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىكەن.

كامېرون ھۆكۈمىتى ئانگلوفون (ئىنگىلىزچە سۆزلىنىدىغان)رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە مەھكىمەلەرگە ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىشىدىن كېيىن، رايوندا نامايىشلار باش كۆتۈردى.

بۆلگۈنچىلەر 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىر سىسكۇ ئايۇك تابە رەھبەرلىگىدە كۇمبو شەھىرىدە «ئامبازونيا»نامىدا دۆلەت قۇرغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

ئۈستىدە تۇتقۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تابە، بۇ يىل يانۋاردا نىگېرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ كامېرونغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر