ھەر 9 كىشىدىن بىرسى ئاچ، 8 كىشىدىن بىرسى سېمىز

بىر تەرەپتە يېتەرلىك ئوزۇقلىنالسماسلىق؛ 150 مىليوندىن كۆپرەك ئۆسمۈرگە ئېغىر تەسىرى كۆرسىتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە سېمىزلارنىڭ سانىمۇ بارلىق دۆلەتلەردە بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.

1069432
ھەر 9 كىشىدىن بىرسى ئاچ، 8 كىشىدىن بىرسى سېمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ مەلۇمات، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى «WFP» نىڭ تۈركىيە ئىشخانىسى ئالاقە مۇناسىۋەت ئىشلىرى باشلىقى مارتىن پېننېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

مارتىن پېننېر يەر شارى مىقياسىدا ئاچارچىلىقنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىنتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئاچ ئىنسانلارنىڭ سانى يۇقىرى ئۆرلەپ، 821 مىليونغا يەتكەن. باشقىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر 9 كىشىدىن بىرسى ئاچ قاماقتا» دېدى.

مارتىن پېننېر بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىش نىسبىتىنىڭ ئارقىغا چىكىنىشىدىن تارتىپ، چوڭلاردىكى سېمىزلىككە قەدەر يۈز مىليونلىغان كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاچارچىلىقنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۆرلەشكە يۈزلىنىپ، 10 يىل ئىلگىرىكى سەۋىيەگە كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن مارتىن پېننېر: «جەنۇبىي ئافرىقىدا ۋە ئافرىفىنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ <خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى> ناملىق دوكلاتىدا، مۇھىت ئۆزگىرىش ۋە يامغۇرنىڭ تىرىقچىلىق پەسىللىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرغاقچىلىق، سۇ ئاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭمۇ توقۇنۇش ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق بىلەن بىرگە ئاچارچىلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە يول ئېچىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋەبلەرنى شەكىللەرندۈرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرا چىقماقتا. ئاسىيادا 515 مىليون، ئافرىقىدا 256 مىليون 500 مىڭ، لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىبلاردا 39 مىليون كىشى ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرمەكتە. چوڭلار ئىچىدىكى سىمىزلەرنىڭ سانى دۇنيا مىقياسىدا 672 مىليونغا يەتتى. بۇ نىسبەت ھەر 8 كىشىدىن بىرسىنىڭ سىمىزلىككە مۇبتىلا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 5 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 150 مىليون 800 مىڭغا يەتتى. ئىسراپچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بولسا، 50 مىليون 500 مىڭغا چىقتى. دۇنيادا يەنە، 38 مىليون 300 مىڭ 5 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈر سېمىزلەر كاتىگورىيەسىدىن ئورۇن ئالدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر