سېمىزلىك كېسىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1068706
سېمىزلىك كېسىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى تۈپەيلى يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىشتا قىيىنالماقتا.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگونغا مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان « كۈچلۈك ئامېرىكا كېڭىشى»نىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكادا تارقىلىۋاتقان سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئامېرىكاغا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

« دۇتسچې ۋېللې» (Deutsche Welle)تۈركچە تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دوكلاتتا،  ئامېرىكادىكى ياشلارنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ «ئەسكەرلىك قىلالمايدىغان دەرىجىدە سېمىز»ئىكەنلىكى ئالاھىد ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كونا ئەسكەرلىرىدىن تەشكىپ تاپقان بۇ كېڭەش، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى سېپىگە يېڭى ئەسكەر قوشۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇپ، ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قابىليىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى  بىلدۈردى.

«سالامەتسىزلىك ۋە تەييارلىقسىز»ناملىق دوكلاتتا، «سېمىزلىك كېسىلى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ بارغانچە يامرىشى دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە»دېگەن جۈمىلىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

دوكلاتتا يەنە بۇ مەسىلىنىڭ بولۇپمۇ بالىلارغا«تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر بىلەن »ھەل بولىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرپىدىن ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 13 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ يىل ئارمىيە سېپىگە 76500 ئەسكەر قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا 17-24 ياش چاممىسىدىكى ياشلارنىڭ %71ى ئەسكەر بولۇش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئىچىدە ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش،  مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە سېمىزلىك قاتارلىقلار ئىكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون سېمىزلىك كېسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئارمىيە سېپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەربىي-تەلىم ئورۇنلىرىدا ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن چېنىقىش قاتارلىقلار جەھەتلەردە مەسلىھەت بېرىلىدىكەن.  

مۇتەخەسىسىلەر ئائىلىلەر ۋە بالىلارنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر