خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كومپىيۇتېرلارغا جاسۇس پلاستىنكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كومپىيۇتېر زاپچاسلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىدىغان «كىچىك ئۆزەك پلاستىنكا» ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1063174
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كومپىيۇتېرلارغا جاسۇس پلاستىنكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلۇمبېرگ نىيۇسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان كىچىك ئۆزەك پلاستىنكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېرلار، ئامازون ۋە ئەپل قاتارلىق شىركەتلەرنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە دۆلەت ئىدارىلىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن. ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئۈچ يىل بولغان مەخپىي تەكشۈرۈشتە، خىتاي كومپىيۇتېر يۇمتاللىرىدىن كۈچلۈك ۋە بايقاش ناھايىتى قىيىن بولغان «مەخپىي كىرىش ئېغىزى» پەيدا قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئورگان، مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو كومپىيۇتېر ئىنچ (Super Micro Computer Inc) ئۈچۈن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارغا جاسۇسلۇق قىلىدىغان ئۆزەك پلاستىنكىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان.   

دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو شىركىتى (Super Micro) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئۇچۇر مەركەزلىرى، مەزكىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە ھەربىي پاراخوتلارنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى تورى ئۈچۈن زاپچاسلار ئىشلەپچىقارغان.

جاسۇسلۇق قىلىدىغان ئۆزەك پلاستىنكا ۋەقەسى ئامازوننىڭ يۇمتال شىركىتى ئېلېمېنتال (Elemental) نى سېتىۋالغاندا بايقالغان.

مەركىزىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو شىركىتى تەمىنلىگەن زاپچاسلارنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جاسۇسلۇق قىلىدىغان ئۆزەك پىلاستىنكىلارنىڭ، ئەپل، ئامازوننىڭ ئىنتېرنېت تور خىزمەتلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان شىركەتلەر قوللىنىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار مەركەزلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپىيۇتېر ئاچقۇچلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەپىل ۋە ئامازون بۇ خەۋەرلەرگە قارىتا ھېچقاچان مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاسۇس ئۆزەك پلاستىنكىلارنى بايقىمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو شىركىتىمۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر