ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بۈگۈن ئافغانىستانغا يېتىپ بارىدۇ

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد 4 – ئۆكتەبىردىن 14 – ئۆكتەبىرگىچە ئافغانىستان، پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ.

1062105
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بۈگۈن ئافغانىستانغا يېتىپ بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، زالماي خەلىلزادنىڭ ئورگانلار ئارا بىر ھەيئەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتلەردە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

باياناتتا زالاي خەلىلزادنىڭ بۈگۈن تۇنجى زىيارەت بېكىتى بولغان ئافغانىستانغا يېتىپ بارىدىغانلىقى، ئاندىن نۆۋەت بويىچە پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، «ئالاھىدە ۋەكىل زالماي خەلىلزادنىڭ نىشانى ئامېرىكىنىڭ تالىباننى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە يۆنىلىش بەلگىلەشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئافغانىسان ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھەسسىدارلار بىلەن يېقىن ماسلىشىش ئىچىدە خىزمەت قىلىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە قىلىنغان ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يوللىرىنى ئىزدىنىدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باياناتتا زالماي خەلىلزادنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تالىبان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

زالماي خەلىلزاد ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسنىمۇ ئۆتىگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر