مەككە – مەدىنە ئارىسى 1 سائەتكە چۈشتى

مەككە – مەدىنە ئارىسىدىكى مۇساپىنى تەخمىنەن 1 سائەتكە چۈشىرىدىغان ھەرەمەين تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسى لىنىيەسى ئېچىلدى.

1057305
مەككە – مەدىنە ئارىسى 1 سائەتكە چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ قاتناش لايىھەلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ھاجىلار ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ كېلىپ - كېتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەرەمەين تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسى رەسمىي خىزمەتكە چۈشتى.

سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىددىدە ھەرەمەين تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز كەسكەندىن كېيىن، پويىزغا ئولتۇرۇپ مەدىنىگە بارغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان قاتناش مىنىستىرى نەبىل بىن مۇھەممەد ئەل ئۇمىدى مۇقەددەس زېمىنغا سەپەر قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تېز سۈرئەت پويىز لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىپتىخار ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەرەمەين تېز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ مەككە، جىددە، پادىشاھ ئابدۇللاھ ئىقتىساد شەھىرى، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودورۇمى ۋە مەدىنە قاتارلىق جەمئىي 5 بېكىتى بولىدۇ»

سنائەت رايونلىرى، ئايرودورۇم ۋە شەھەر مەركەزلىرىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 450 كېلو مېتىرلىق تىز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى، نورمالدىكى 4 سائەتلىك مۇساپىنى سائىتىگە 300 كېلو مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بېسىپ 1 سائەت 20 مىنۇتتا تاماملايدۇ.

بىرىنچى ۋە ئاخىرىقى بېكىتى مەككە بىلەن مەدىنە بولىدۇ.

بېكەت بىنالىرى چېدىر تۈسىدە ياسالغان بولۇپ، رەڭگى مەككىدە سېرىق، مەدىنىدە يېشىل، جىددىدە بولسا، كۈل رەڭلىك قىلىپ لايىھەلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدىنقى يىلى 2 مىليون 400 مىڭغا يېقىن ھاجى ۋە 7 مىليون ئەتراپىدا ئۆمرە قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر