باغدادى ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1055271
باغدادى ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى لوندونغا جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «شارقۇل ئاۋاست گېزىتى» نىڭ پاكىستان خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى ۋە باشقا رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەبۇبەكىر باغدادى ئىراننىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ يۇقىرىسىدىكى زاھىدان شەھىرى ئارقىلىق ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن ۋە نانگارھار رايونىغا ئورۇنلاشقان.

ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگراسى ئۈستىگە جايلاشقان ۋىلايىتى ھېسابلىنىدىغان نانگارھار بۇ يىل (2018) بومبا ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ئافغانىستاندىكى ئەڭ خەتەرلىك جاي بولۇپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر