شى جىنپىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى ۋە ئافرىقاغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ: «دۇنيا ھەر چاغدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ب د ت غا ئېھتىياجلىق» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1041917
شى جىنپىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى ۋە ئافرىقاغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا بىر قۇتۇپلۇق بىلەن سودا بېكىنمىچىلىكىنىڭ خەلقئارا تەرتىپكە ۋە دۇنيا باشقۇرۇش سىستېمىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «دۇنيا ھەر چاغدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ب د ت غا ئېھتىياجلىق» دېدى.

ئۇ ب د ت نىڭ دۇنيادا ھەيۋە كۆرسىتىشلەرگە خىتاب قىلالايدىغان ئورتاق تەرەققىيات ۋە دۇنياۋى ھەمكارلىقلاردا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بارلىق تەرەپلەرنى سودا ئەركىنكلىكىنى ۋە  سودىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى قوغداشقا يېتەكلەش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىنا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئافرىقانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشنىڭ ب د ت نىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ ئافرىقاغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپ گۇتېرس ب د ت كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پىرىنسىپى ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر