كامېروندا 8 قەبىلىنىڭ باشلىقى تۇتۇپ كېتىلدى

كامېروننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاڭلوفون (ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان) رايونىدا 8 قەبىلىنىڭ باشلىقى تۇتۇپ كېتىلدى.

1016327
كامېروندا 8 قەبىلىنىڭ باشلىقى تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوننىڭ پايتەختى بۇئېئادا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان 8 قەبىلىنىڭ باشلىقى قوراللىق كىىشلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

تۇتۇپ كېتىلگەن قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ۋىدېئودا، ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاڭلوفون كىرىزىسى ھەل قىلىنغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاڭلوفون رايونىدا بىر ساقچى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر