خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى تالاش - تارتىشلىق تاقىم ئاراللىرىغا كىردى
خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 3 پاراخوت شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى ياپونىيە بىلەن تالاش - تارتىشلىق تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.
ياپونىيەنىڭ كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، خىتايغا تەۋە 3 پاراخوتنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلا ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئەتىگەن سەھەردە ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا تەخمىنەن 1 يېرىم سائەت تۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.
شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ياپونىيە «سىنكاكۇ»، خىتاي بولسا، «دايۇ» دەپ ئاتلايدىغان 5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن تەشكىل تاپقان تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە.
ياپونىيە ھېچ كىشى ياشىمايدىغان بۇ ئاراللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى بۇ يەرگە كۆزەتكۈچى پاراخوتلارنى يوللاش ئارقىلىق ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى ھوق - ھۇقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
بۇ تاقىم ئارالىرىنىڭ ئەتراپىدا چارلاش ئۈچۈن چىققان ياپونىيە پارخوتى بىلەن خىتاي پاراخوتلىرى پات – پات بىر – بىرىگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يوللاپ تۇرىدۇ.