دائېش رەھبىرى باغدادىنىڭ ئوغلى ئۆلتۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ ئوغلى خۇدەيفە ئەلبەدرىنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى توقۇنۇشنا چېگرادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1005697
دائېش رەھبىرى باغدادىنىڭ ئوغلى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان مېدىيا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەلبەدرىنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەلبەدرىنىڭ ھۇمۇستا نۇسەيرىلەرگە ۋە رۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر قانچىلىغان قېتىم خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ئاقىۋىتىنىڭ زادى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي مەلۇمات يوق.

بىراق، دائېشنىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرىدە باغدادىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ئىما قىلىندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دائېش باغدادىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋاز لېنتىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر