ياپونىيە مەلىكىسى ئادەتتىكى پۇقرا بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيەدە ئىككىنجى قېتىم يەنە بىر مەلىكە ئېمپىراتورلۇق جەمەتىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئادەتتىكى پۇقرا بىلەن توي قىلىدىغان بولدى.

1001082
ياپونىيە مەلىكىسى ئادەتتىكى پۇقرا بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئېمپىراتورلۇقى جەمەتىدە مەلىكە ماكونىڭ ئارقىدىن مەلىكە ئاياكومۇ ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدىن ئەمەس، ئادەتتىكى پۇقرالاردىن بىرسى بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيەدە بۇ خىل ئۆيلىنىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، مەلىكىلىك ئۇنۋانىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكى بولىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئېمپىراتورلۇق سارىيى ئاگېنتلىقى، ئېمپىراتور ئاكىخىتونىڭ جىيەنى مەلىكە تاكامودونىڭ ئۈچىنچى ۋە ئەڭ كىچىك قىزى مەلىكە ئاياكونىڭ دېڭىزچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 32 ياشلىق كېي مورىيا ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىككى ياشنىڭ تونۇشقىنىغا تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان بولۇپ، 12ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي چاي ئۇچۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئاندىن 29ئۆكتەبىردە توكيودىكى مېيجى جىنگۇ ئىبادەتخانىسىدا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەلىكە ئاياكو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم فاكولتىتۇتىدىن ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ئانىسى مەلىكە تاكامودونىڭ ئۇنى كېي موريا بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىمۇ باياناتتا ئۇرۇن ئالدى.

ياپونىيە ئېمپىراتورلۇق جەمىتىنىڭ قائىدە يوسۇنلىرىغا بىنائەن مەلىكە يېگىتى كېي مورىيا بىلەن توي قىلىش قەسىمى ئىچكەندىن كېيىن، ئېمپىراتورلۇق جەمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.  لېكىن ئېمپىراتورلۇق جەمەتى مەلىكىگە 1 مىليون دوللار ھەق تاپشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر