ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن خەلقىنى قوغداشقا چاقىردى

تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنىنىڭ باياننامىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن خەلقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىندى.

974489
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن خەلقىنى قوغداشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن  تېرروتېرىيەلىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلىرى ۋە زۇلۇم – سىتەملىرى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيە «ئىشغالچى كۈچ» دەپ ئاتالدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ۋە يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئاملارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ھەمدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جىنايى مەسئۇلىيەتچانلىقلىرىنىڭ بېكىتىلىشى مەقسىتىدە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.

بۇ كومىتېتنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەلەپ قىلىندى.

خەلقئارا جەمئىيەت  پەلەستىن خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن رايونغا خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش كۈچى ئەۋەتىش يولى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ مەسىلىنىڭ دەرھال ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت، پەلەستىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا تۈزۈمنى قوغداش ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياننامىدە، ئىسرائىلىيە ئىشغال كۈچلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋە ۋەھشىيلەرچە جىنايەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغان قىلمىشلارنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھېساب بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن سادىر قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرۇلۇق چىقارغان قانۇنسىز قارارىنىڭ ئارقا پىلانى دائىرىسىدە سادىر قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، بۇنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەسىتن خەلقىگە پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىشىدا  ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە 1967 – يىلى 4 – ئىيۇن كۈنى بېكىتىلگەن چېگرا لىنىيەلىرى ئاساس قىلىنغان ھالدا، پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋاز كېچىلمەس مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش تىرىشچانلىقلىرىدا پەلەستىن خەلقىگە قارىتا پىرىنسىپلىق ياردەمبېرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز،  بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش نىشان قىلىنغان قانۇنسىز قارارىنى رەت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر