«بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشلىرى تۆتىنچى جۈمەگە قەدەم قويدى

ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدا 12 يىلدىن بېرى ئىنسانىي كىرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر 30-مارتىن بۇيان باشلىغان نامايىشلىرىنى بۈگۈن (20-ئاپرېل) مۇ داۋاملاشتۇردى.

955782
«بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشلىرى تۆتىنچى جۈمەگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2006 -يىلدىن بېرى ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەدە ئىنسانىي كىرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان پەلەستىنلىك 30-مارتتىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشلىرى دائىرەسىدە بۈگۈنمۇ چېگرادا توپلاندى.

غەززە چېگراسى بۇ قېتىممۇ «شېھىتلەر ۋە ئەسىرلەر جۈمەسى» دەپ نام بېرىلگەن «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نىڭ تۆتىنچى جۈمەسىدىكى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ مۇھىم جاي بولىدۇ.

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى راست ئوق ۋە مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن بولسىمۇ چېگرادىكى تىنچلىقپەرۋەر نامايىشلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە ئىسىرائىلىيە تارتىۋالغان زېمىنلارغا قايتىپ كېلىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان غەززەلىكلەر، ئەتىگەندىن تارتىپ چېگراغا كېلىشكە باشلىدى.

جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن چېگرادا كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار ئىلگىرىكى نامايىشلارغا ئوخشاشلا جۈمە نامىزىنى چېگرادا ئوقۇيدۇ.

ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ غەززە چېگراسىدىكى «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نى قوللاش ئۈچۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن نامايىش ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى «غەززە خەلقىگە» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئايروپىلاندىن تاشلىغان خىتابنامىلەردە، غەززەلىكلەرگە تەھدىت سالدى. ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىلغان خىتابنامىدە، نامايىشچىلار «چېگراغا يېقىنلاشماسلىق» ۋە «چېگرا سىملىرىغا زىيان بەرمەسلىك» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

خىتابنامىدە: «ئارمىيەمىز ھەممە ئىشقا تەييار، ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر