كاتالونىيەنى مۇستەقىل قىلماقچى بولغان پۇئىگدېمونت «سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» قۇرىدىغان بولدى

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى جارلېس پۇئىگدېمونت، كاتالونيانى ئىسپانىيەدىن ئەمەس، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن «سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

906105
كاتالونىيەنى مۇستەقىل قىلماقچى بولغان پۇئىگدېمونت «سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» قۇرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى مەھكىمىسى پۇئىگدېمونتنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش قەسەم قىلىش يىغىنىغا ئۆزىنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، كاتالونىيەنىڭ قاچقۇن رەھبىرى كاتالونىيەنى بىريۇسسېلدىن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بارسېلونادىكى ئاپتونوم ھۆكۈمىتىگە قوشۇمچە «سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېلگىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Belga»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوئىگدېمونت كاتالونىيەدىكى ھۆكۈمەتكىمۇ ئۆز پارتىيەسىدىن بىر مۇئاۋىن باشلىق بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پۇئىگدېموند جۇمھۇرىيەت كېڭىشى دەپمۇ ئاتىلىدىغان «سۈرگۈن ھۆكۈمىتى»نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 18 – قېۋرالدا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، قەسەم قىلىش مۇراسىمىنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پوئىگدېمونت كاتالونىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق  ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولغاچقا، «دۆلەتكە قارشى ئىسيان ۋە قارشىلىق چىقىرىش»، «قوزغىلاڭ چىقىرىش» ۋە «دۆلەتنىڭ بايلىقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا پۇئگدېمونتنىڭ  ئىسپانىيەگە قەدەم قويغان ھامان نازارەتكە ئېلىنىشى مۆلچەلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر