سۈرىيە باياننامىسى: سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەممىدىن مۇھىم

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» دىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

900327
سۈرىيە باياننامىسى: سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەممىدىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشتىراكچىلارنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيە خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك. سۈرىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى ىوغداش، چەت ئەل كۈچلىرى ۋە تېررورچىلارغا قارشى  كۈرەش ئۈچۈن داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشى لازىم. ئېتنىك مىللىتى ۋە دىنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتكۈل سۈرىيە خەلقى ھوقۇقتا باراۋەردۇر.»

باياننامىدە، سۈرىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن 150 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقى، ئىشتىراكچىلارنىڭ دۆلەتتە ئۇدا 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر