پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشنى توختاتتى...

پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئىسلامئاباد بىلەن راۋالپىندى شەھەرلىرى ئارىسىدىكى فەيزئاباد كۆۋرۈكى ۋە ئەتراپىدىكى يوللاردا نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرگە مۇداخىلە قىلىشنى توختاتتى.

855207
پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشنى توختاتتى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان سايلام قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پايتەخت ئىسلامئاباد بىلەن راۋالپىندى شەھەرلىرى ئارىسىدىكى فەيزئاباد كۆۋرۈكى ۋە ئەتراپىدىكى يوللاردا نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرگە مۇداخىلە قىلىشنى توختاتتى.

نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارار، پاكىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى قەمەر جاۋىد باجۋانىڭ باش مىنىستىر شاھىت خاقانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۇنغان تەكلىپىدىن كېيىن چىقىرىلدى.

پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ فەيزئاباد دوقمۇشىدا 3 ھەپتىدىن بۇيان ئولتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يوللارنى توسۇۋالغان نامايىشچىلارغا 8 مىڭ ساقچى مۇداخىلە قىلغانىدى. مەھەللىي تاراتقۇلاردا، نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «لەببەيكە يا رەسۇلۇللاھ ھەرىكىتى» نىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ قىلغان مۇداخىلىسىگە نامايىشچىلار تاش ئېتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن؛ مۇداخىلىلەر جەريانىدا 1 ساقچى قازا قىلغان، 45 ى ساقچى بولۇپ جەمئىي 130 ئادەم يارىلانغان، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 150 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.

ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، نامايىشلاردىن كېيىن مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سايلام قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ئۆزگەرتىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

نامايىشچىلار، سايلام قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرگە ئالاقىدار تەشكۈرۈش نەتىجىسىنىڭ خەلقكە ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر