شىۋېيېتسارىيەنىڭ ھاجەتخانىلىرىدىن باغلام - باغلام پۇل تېپىلدى

جەنۋە تەپتىش ئىدارىسى بۇ پۇللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ پۇللار بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

810189
شىۋېيېتسارىيەنىڭ ھاجەتخانىلىرىدىن باغلام - باغلام پۇل تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدىكى ھاجەتخانىلاردىن پىلاستىكقا ئورالغان مىڭلارچە ياۋرو تېپىلدى.

مەسئۇللار بۇنىڭغا قارىتا «پەۋقۇلئاددە غەلىتە ئەھۋال» دەپ باھا بەردى ۋە ھەر بىرى 500 لۈك پۇللار بىلەن باغلانغان ياۋرولارنىڭ زادى كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلاندى. 

«شىۋېيېتسارىيە بىرلەشمە بانكىسى»غا يېقىن جايدىكى 3 رىستوراننىڭ ھاجەتخانىلىرىدىن تېپىلغان، ھەر بىرى 500 لۈك پۇللاردىن تەشكىل تاپقان باغلام باغلام پۇللارنىڭ چۇۋۇلغان ھالدا ھاجەتخانىنىڭ ئىچىگە تاشلىنىپ، ئۈستىگە سۇ ئاققۇزۇلغانلىقى بايقالدى.

جەنۋە تەپتىش ئىدارىسىدىن ئېلان قىلنغان باياناتتا، «بۇ پۇللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ پۇللار بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېيىلدى.

سۇ تۇسۇلۇپ قىلىپ، بۇزۇلغان ھاجەتخانا تۇرۇببا لېنىيەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن مىڭلىغان ياۋرو چېقىم قىلىندى.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 500 لۈك ياۋرولارنىڭ قانۇنسىز ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 500 لۈك ياۋرونى ئىشلىتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر