ئىبادى: بېلەت تاشلاش زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا تەييارمىز

ھەيدەر ئەلئىبادى، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

808587
ئىبادى: بېلەت تاشلاش زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى زوراۋانلىق پەيدا قىلغان تەقدىردە، باغدادنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەيدەر ئەلئىبادى، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا، «ئىراق خەلقى قانۇنسىز كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردە، ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقلىرى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش پىلانىغا ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «خەتەرلىك يىرىكچىلىك» دەپ باھا بېرىپ، «ئاساسىي قانۇنغا قارشى چىقىش، ئىراق ۋە رايوننىڭ چېگرالىرىغا قارشى چىقىش، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشىغا ئوچۇق تەكلىپنامە بېرىشتۇر، سۈركىلىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك رەۋىشتە كۈچەيتىلىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر