سىربىيە بىلەن ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى

سىربىيە بىلەن ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا سىربىيەنىڭ ماكېدونىيەدىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشى بىلەن مەسىلە كېلىپ چىقتى.

794162
سىربىيە بىلەن ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىربىيە ماكېدونىيەدىكى ئۈسكۈپ ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

سىربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ خەۋەر تارقاتقان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى RTS نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارلىق ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ كېڭەش ئۈچۈن پايتەخت بېلگىرادقا چاقىرىتىلغان.

پىرېزىدېنت ئالېكساندىر ۋۇكىك سىربىيەنىڭ ماكېدونىيەدىكى ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بارلىق خادىملىرىنىڭ كېڭەش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: « سىربىيە ئورگانلىرىغا قارشى قويۇق شەكىلدە ئىستىخبارات پائالىىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.»

مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋۇكىك سىربىيەدىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئۆزى توغرۇلۇق مۇھىم دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ماكېدونىيەدە سىربىيە ئورگانلىرىغا قارشى قويۇق شەكىلدە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ۋۇكىك بۇ سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ئەكسىچە ماكېدونىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سىربىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋۇكىك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋۇكىك سۈركىلىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ماكېدونىيە بىلەن سىربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 7 كۈن بىلەن 10 كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىرانابىك بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، سىربىيەنىڭ بۇ قارارنىڭ سەۋەبىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ماكېدونىيە تەرىپدىن مۇستەقىللىقى ئېتراپ قىلىنغان كوسوۋانىڭ ب د ت پەن-مائارىپ ئورگىنىغا ئەزا بولۇشىنى قوللىشى سەۋەبلىك، بۇ يىل يانۋاردا بۇزۇلغانىدى.

ئەينى دەۋردىكى سىربىيەنىڭ باش مىنىستىرى داكىك ماكېدونىيەنى ئاساسىي قانۇندىكى نامى بويىچە «ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى»سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىپ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتقانىدى. داكىك كېيىنچە «ماكېدونىيە بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلسا،  بىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز»دېگەنىدى.

سىربىيە 2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلپ ھازىرغىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن كوسوۋانى ھېلىھەم ئۆز زېمىنى سۈپىتىدە كۆرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر