تىللېرسون رۇسىيە توغرىسىدا مەسىلىنى ئېتىراپ قىلغاندەك سۆز قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون رۇسىيەگە قارشى چىقىرىلغان ئېمبارگو قارارىدىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭمۇ، ئۆزىنىڭمۇ مەمنۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

782099
تىللېرسون رۇسىيە توغرىسىدا مەسىلىنى ئېتىراپ قىلغاندەك سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېكس تىللېرسون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جىددىيلىك» تە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنىڭ چىقارغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرى سانىنى 755 كە چۈشۈرۈش قارارىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ياكى يامانلاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 2016-يىلى دېكابىر ئېيىدا 35 رۇسىيە دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى تەڭشەش ئۈچۈن چىقارغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى پۇتىننىڭ ئۇ كۈندىن بۇيان مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن «جاۋاب» ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭمۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرغان خەلقى بار، شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا قەدەم تاشلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.»

تىللېرسون پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن كونگرەدە تەستىقتىن ئۆتكەن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «مەن بولاي ياكى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بولسۇن كونگرەنىڭ بۇ قارارىدىن ياكى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن مەمنۇن ئەمەسمىز. بۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پايدىلىق ئەمەس دەپ قارايمىز. بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ قارارى، يەنە كېلىپ، بۇ قارار مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن چىقىرىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر