ئىدلىبتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

776122
ئىدلىبتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

يارىدارلارغا تېببىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارغان سەھىيە خادىملىرىغىمۇ ئوق چىقىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر