جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەزىيەت قايتىدىن كەسكىنلىشىشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق تاقىم ئاراللار جايلاشقان جايغا كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

763165
جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەزىيەت قايتىدىن كەسكىنلىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي دېڭىزدا تاقىم ئاراللىرى جايلاشقان تالاش-تارتىشلىق دېڭىز تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ئامېرىكىنىڭ « USS Stethem» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلار بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇكاڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «2-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ < USS Stethem> ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى رۇخسەتسىز ھالدا تاقىم ئاراللار جايلاشقان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى. بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا پاراخوتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە دېڭىز تەۋەلىكىمىزدىن چىقىرۋېتىش ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمىزنى ۋە پاراخوتلىرىمىزنى يوللىدۇق» دېدى.

باياناتچى لۇكاڭ يەنە مۇنداق دېدى:

«جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرى يىلتىزىدىن ھېسابلىغاندا خىتايغا تەۋە جايدۇر. ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم رۇخسەتسىز ھالدا خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىغا شۇنداقلاخىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن خىلاپلىق قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرتىپكە پالتا چاپقان ھالدا تاقىم ئاراللار جايلاشقان دېڭىزغا كىرگەن پاراخوتنى ئەۋەتتى.»

خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئاراللار جايلاشقان دېڭىزغا كىرىشىنى «ئاراللاردىكى ئاستىقۇرۇلمىغا ۋە خادىملارغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر