ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ
دائېش ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلگەن ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
747610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۇرىيە مەسىلىسى قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
زەرىفنىڭ بۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.