رېئانا قەتلىئامىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئابدۇررەھمان ئۆزبېك ئۆلتۈرۈلدى

ئابدۇررەھمان ئۆزبېكنىڭ 6 – ئاپرىلدا سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

718265
رېئانا قەتلىئامىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئابدۇررەھمان ئۆزبېك ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى رېئانا قەتلىئامىنى پىلانلىغان دائېش رەھبىرى ئابدۇررەھمان ئۆزبېكنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇغلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى پالكوۋنىك جون توماس 6 – ئاپرىلدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇررەھمان ئۆزبېكنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى، دائېشنىڭ چەت ئەللەردىكى ھۇجۇملىرى، چەت ئەللىك مىلىتانلىرى ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى رېئانا كۇلۇبىغا يىڭى يىل كېچىسى بىر تېررورچى تەرىپىدىن ئاپتوماتىك قورال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 1 ساقچى شەھىت بولغان ۋە 25 چەت ئەللىك بىلەن قوشقاندا جەمئىي 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ھۇجۇمدا 65 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە تېگى ئۆزبېكىستانلىق تېررورىست ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ ۋەقەدىن 17 كۈن كېيىن ئىستانبۇل ئەسەنيۇرتتا قولغا ئېلىنغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر