خىتايدا 1 توننا مامونت چىشى قولغا چۈشتى
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە رۇسىيەدىن قانۇنسىز ھالدا كەلتۈرۈلگەن بىر توننا مامونت چىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خېيلوڭجياڭ رۇسىيەدىن خىتايغا سېرىق پۇرچاق دەپ بىلدۈرۈلگەن 6 يۈك ماشىنىسىدىن بىرىنىڭ ئېغىرلىقى باشقىلىرىغا ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، تاموژنا خادىملىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش جەريانىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن بىرىنىڭ مەخپىي بۆلمىسىدە بىر توننا مامونت چىشى، 73 كىلوگرام كەركىدان مۈڭگۈزى ۋە بىر توننا قاشتېشى قولغا چۈشۈرۈلگەن، يۈك ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى بىلەن ئىگىسى قولغا ئېلىنغان.
مۇز دەۋرىدە ياشىغان ۋە نەسلى تۈگەپ كەتكەن مامونتلارنىڭ ياشاش ساھەلىرىدىن بىرى رۇسىيەنىڭ سېربىيە رايونى دەپ قارىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سېبىرىيەدىكى تۇندرالاردا قارلارنىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ، مامونت ئىسكىلىتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ماونت چىشلىرى ئوۋچۇلار تەرىپىدىن يىغىلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.