موزامبىكتا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى

جەنۇبىي ئافرىقا ئەللىرىدىن موزامبىك بىلەن زىمبابۋې چېگراسىغا يېقىن جايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 6 ئادەم ئۆلدى.

700571
موزامبىكتا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موزامبىكنىڭ پورت شەھىرى بېئىرادىن زىمبابۋېنىڭ پايتەختى ھارارېغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاندا ئىككى ئۇچقۇچى بىلەن تۆت نەپەر يولۇچى بار ئىكەن.

موزامبىك ساقچى مۇدىرى گېلىندو ۋۇمبۇجا قازانىڭ موزامبىك چېگراسىغا يېقىن تاغلىق رايوندا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئايروپىلاننىڭ قويۇق تۇمان يۈزىسىدىن تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراۋاتىمىز« دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغان 6 كىشىنىڭ جەسىتى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن زىمبابۋې مۇتارې دوختۇرخانىسىنىڭ جەسەت ساقلاش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر