ھاۋاي ئىشتاتى ترامپنىڭ پەرمانىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنىدۇ

ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئالتە مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقى ئۈستىدىن فېدېراتسىيە سوتىغا ئەرز قىلىدۇ.

686952
ھاۋاي ئىشتاتى ترامپنىڭ پەرمانىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋاي ئىشتاتىدىكى ئادۋوكاتلار پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىغا قويۇلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن، فېدېراتسىيە سوتىغا ئىلتىماس سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن نېل كاتيال يېڭىدىن ئىمزالانغان پىرېزىدېنت پەرمانىنىڭ كونىسىغا قارىغاندا ئاز كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى يولغا قويۇلغان ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ كونىسىدىكىگە ئوخشاش ئاساسىي قانۇنغا زىت مەسىلىلىرى بار» دېدى.

ھاۋاي ئىشتاتى بۈگۈن (8-مارت) بۇ توغرىدا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە رەسمىي ئەرز سۇنىدۇ.

ئاقساراي ئېلان قىلغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىمزالىغان يېڭى ۋىزا چەكلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىران، سۈرىيە، سومالى، سۇدان، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، ئىراقنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ تۆت ئاي بويىچە ھېچقانداق دۆلەتتىن مۇساپىر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان ئىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىمزالىغان يېڭى ۋىزا بەلگىلىمىسى 2017-يىل 16-مارتتىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ.

دونالد ترامپ ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى پىرېزىدېنت پەرمانىغا 2017-يىل 27-يانۋار ئىمزا قويغان ئىدى. مەزكۇر پەرمان ئىمزالانغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى سوتچى جېيمېس روبېرت يەتتە مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويۇلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر