رۇس ئىنژېنېرلار ئېلېكتروماگىنىتلىق قورال سىنىقى ئېلىپ باردى

رۇس ئىنژېنېرلار ئېلېكتروماگىنىتلىق تەپكە مېخانىزمى سايىسىدا ھەر تۈرلۈك برونىنى چاقماق تېزلىكىدە تېشىپ ئۆتەلەيدىغان يېڭى بىر قورالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلدى.

659529
رۇس ئىنژېنېرلار ئېلېكتروماگىنىتلىق قورال سىنىقى ئېلىپ باردى
eelkromanyetik silah sapan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋا ئەتراپىدىكى شاتۇرا ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى بېسىمنى تەشقىق قىلىش بۆلۈمىدىكى ئىنژېنېرلار پارتلاتقۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مىخانىزملارنىڭ ئورنىغا ئېلېكتروماگىنىتلىق كۈچنى تەپكە مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۋالايدىغان يېڭى بىر قورالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىنغان قورالدىن چىققان ئوق سېكۇنتىغا 3 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان بولۇپ، ئادەتتە كىلاسسىك قوراللاردىن چىققان ئوق سېكۇنتىغا 330 – 800 مېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىكەن.

ئېلېكتروماگىنىتلىق قورالنىڭ يۈكسەك ئېنېرگىيەلىك فىزىكىلىق پائالىيەتلەردە يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىنىستىتۇتنىڭ مەسئۇلى ئالېكسېي شۇرپوۋ، «ئەمدى سېكۇنتىغا 4.5 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرالىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

ئامېرىكىلىقلار بولسا ئوخشاش تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ تىپتىكى قورال – ياراغلارنىمۇ شۇنداق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى دېڭىزدا بۇ يىل 20 كىلوگىراملىق راكېتالارنى قويۇپ بېرەلەيدىغان ئېلېكتروماگىنىتلىق قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

تۈركىيە ئىلمىي ۋە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى بولسا  تۇنجى مىللىي ئېلېكتروماگىنىتلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى - يېڭى ئەۋلاد قورال سىستېمىسى (SAPAN) – نى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئىجاد قىلغان ۋە 2014 – يىلى سىناق ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر