جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان موزامبىكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى موزامبىكتە.

657685
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان موزامبىكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئالدى بىلەن پايتەخت ماپۇتادا قەھرىمانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن گۈلچەمبىرەك قويىدۇ. موزاكبىك پىرېزىدېنتى فىلىپې جاكىنتو نيۇسى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

موزاىمبكتىن دۆلەتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

كېيىنچە ئەردوغان تۈركىيە – موزامبىك سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ موزامبىككە قىلغان زىيارىتى دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن موزامبىكىلىقلار بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقلەر ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر