مېكسىكادىكى نامايىشتا 3 كىشى ئۆلدى

مېكسىكادا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى جەريانىدا 3 كىشى ھياتىدىن ئايرىلدى.

645949
مېكسىكادىكى نامايىشتا 3 كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار ئۆلگەنلەردىن بىرسىنىڭ مېكسىكادىكى بىر بىر گاز قاچىلاش پونكىتىنى بۇلاشنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشقان ساقچى مەمۇرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قالغان ئىككى كىشىنىڭ ۋېراكرۇچ ئىشتاتىغا قاراشلىق گولف كاست شەھىرىدە بىر دۇككاننى بۇلاشقا ئۇرۇنقان يۈك ئاپتومۇبىلىنىڭ ئاستىدا قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مېكسىكا مىقياسىدا جەمئىي 700 كىشى قولغا ئېلىندى ۋە 300 دۇككان بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىدى.

مېكسىكا ئۇچۇر ئالاقە مىنىستىرلىقى نامايىشلارنىڭ گاز قاچىلاش پونكىتلىرى، بېكەتلەر، پورتلار ۋە سودا سارايلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جايلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. يولنى توسۇۋالغان يۈك ئاپتومۇبىلى شوپۇرلىرىنىڭ دەم ئېلىش رۇخسەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە باي تەبىقىلەرنىڭ ناھەق نەپ ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ،  بېنزىن ۋە يىقۇلغۇ باھاسىدىكى ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئەنرىكۇ پېنانېتو بېنزىن باھاسىنىڭ %20 ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئۆزگىرىشنى قوللىغان ئىدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئەنرىكۇ پېنانېتو ئاپتوبۇس، يۈك ئاپتومۇبىلى ۋە تەكسى شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىراق ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئىشلەتمىگەن بولساق ئىدۇق، بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر