تالىبان بەدەخشاندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تالىبان قوراللىقلىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

644251
تالىبان بەدەخشاندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەدەخشان ۋىلايەتلىك شۇراسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ناجى، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يافتال بالا رايونىغا كېتىۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتومومبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 7 خەۋپسىزلىك خادىمىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سانىنىڭ 30 ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر