خىتاي: ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەر يادرو قورالسىزلىنىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

637064
خىتاي: ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەر يادرو قورالسىزلىنىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خۇا چۈنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دۆلەتلىرىنىڭ يادرو كۈچىنى زورايتىش توغرۇلۇق  بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭنىڭ  يادرو قوراللىرىنى تامامەن چەكلەش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، يادرو قورالسىزلىنىش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن  خۇا چۈنيىڭ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يادرو قوراللىرىنى تامامەن چەكلەش شارائىتى ھازىرلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ترامپنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش مەسىلىسىدە يولغا قويىدىغان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «دۇنيا يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە دۆلىتىمىز يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشى لازىم.»

 رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، ھاۋا مۇداپىيەسى سىستېمىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: «ئىستىراتېگىيەلىك يادرو كۈچىمىزنى ھاۋا مۇداپىيەسى سىستېمىلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا باشقا كۈچلىرىمىزنىمۇ دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكىدىكى قوراللىنىشنى كونترول قىلىش بىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا 7100، رۇسىيە 7300 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاي 260 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر