ئۈچ مىنىستىر موسكۋا يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف موسكۋا يىغىنىدىن كېيىن سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.

634791
ئۈچ مىنىستىر موسكۋا يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياننامىدە، ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئېتنىك مىللىتى، دىنى ۋە مەزھىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ھەر ئۈچ تەرەپنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەت موسكۋا يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان بىردەكلىكنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە شەرقىي ھەلەبتىن پۇقرالار ۋە قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھالدا يۆتكەش مەسىلىسىدە كۆرسىتىلىۋاتقان ئورتاق تىرىشچانلىقلاردىن ئىنتايىن خۇرسەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىنىستىرلار فۇئا، كەفرەيا، زەبادانى ۋە مادايادىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەر ھالدا يۆتكىلىشىدىن مەمنۇن. ئۈچ تەرەپ بۇ باسقۇچنىڭ بىخەتەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.»

پۇقرالارنى يۆتكەش باسقۇچىدا خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بەرگەن ياردەملىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن باياننامىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئۈچ مىنىستىر ئۇرۇش توختىتىش، سىجىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىمگە كېپىل بولۇشقا تەييار بولۇپ، ساھەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن نوپۇزى بار ئەللەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

باياننامىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: «تەرەپلەر بۇ كېلىشىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. مىنىستىرلار قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ ھەقتە ئاستانەدە تۈرلۈك يىغىنلارنى چاقىرىش توغرۇلۇق بەرگەن تەكلىپىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ تەرەپ، دائېش ۋە ئەننۇسرەگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ۋە قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى بۇ تەشكىلاتلاردىن ئايرىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر