موزامبىكتا پارتلاش يۈز بېرىپ 73 ئادەم ئۆلدى
جەنۇبىي ئافرىقا مېدىياسىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موزامبىكنىڭ مالاۋى چېگراسىغا يېقىن شەھىرى تەتەدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى بەرگەن.
613276
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موزامبىكتا بىر يېقىلغۇ يۆتكەش ئاپتوموبىلى پارتلاپ 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 ئادەم يارىلاندى.
جەنۇبىي ئافرىقا مېدىياسىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موزامبىكنىڭ مالاۋى چېگراسىغا يېقىن شەھىرى تەتەدە پورت شەھەر بېرىئادىن مالاۋىغا يېقىلغۇ يۆتكەش ئەسناسىدا بىر نېفىت يۆتكەش ئاپتوموبىلى پارتلاپ كەتكەن بولۇپ، پارتلاشنى ۋەقەدىن ئىلگىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن نېفىت يۆتكەش ئاپتوموبىلىدىن تۆكۈلگەن نېفىتنى يىغىۋېلىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
موزامبىك، قۇرغاقچىلىق يۈزىسىدىن يېمەك – ئىچمەك قىيىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ يوقسۇل دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.