ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى

فۇرمىيو كىشىدا خىتاينىڭ تالاش – تارتىشلىق سېنكاكو ئاراللىرى دېڭىز ساھەسىدە بۇ خىل نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ تولىمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

603161
ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە خىتاينىڭ تالاش – تارتىشلىق سېنكاكو ئاراللىرى دېڭىز ساھەسىدە نېفىت تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇرمىيو كىشىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتايغا تەۋە بىر پاراخوتنىڭ سېنكاكو ئاراللىرىغا يېقىن جايغا لەڭگەر تاشلاپ، تالاش - تارتىشلىق دېڭىز ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

فۇرمىيو كىشىدا خىتاينىڭ بۇ خىل نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش ھەرىكەتلىرىنىڭ تولىمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە سىنتەبىردىمۇ خىتايغا تەۋە 8 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تالاش - تارتىشلىق دېڭىز ساھەسىدە ئۇچقانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تالاش – تارتىشلىق شەرقىي دېڭىز ساھەسىدىكى  5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن شەكىللەنگەن ئارالچىلار خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى كىرىزىسىگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ ئارالچىلار ياپونىيەدە «سېنكاكو ئاراللىرى» دەپ ئاتالىدۇ. خىتايدا بولسا، «داييۈ» دەپ ئاتىلىدۇ. 2012 – يىلى ياپونىيە مەزكۇر ئارللارنى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىك تېخىمۇ ئەۋج ئالغان ئىدى.

ياپونىيە بۇ ئارالچىلارنىڭ ياپونىيە دېڭىز ساھەسى دائىرىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە خىتاينىڭ ئاراللار جايلاشقان رايونغا كۆزەتكۈچى پاراخوتلارنى يوللىشىنى بولسا، دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئارال ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان پايونىيە پاراخوتلىرى بىلەن خىتاي پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا پات – پات ئۆزئارا ئاگاھلاندۈرۈشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر