ئالىملار يەر شارىغا ئوخشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن  يېڭى بىر پىلانېتا بايقىدى

ھەجىمى يەر شارىدىن 1.3 ھەسسە چوڭلۇقتىكى بۇ يېڭى پىلانېتانىڭ يەر شارىدىن 1.2 نۇر يىلى ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

558816
ئالىملار يەر شارىغا ئوخشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن  يېڭى بىر پىلانېتا بايقىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇياشقا ئەڭ يېقىن يېڭى بىر پىلانېتا بايقالدى. خەلقئارالىق بىلىم ئادەملىرىدىن تەشكىل تاپقان «پەيل رېد دات» ناملىق ئورگان، 30 يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە چوڭ بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

چىلىدە كۆزىتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەتقىقاتچىلار قۇياش سىسىتېمىسىغا ئەڭ يېقىن يولتۇز «پىروكسىما سېنتورى» ئوربېتىسىدا يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتانى بايقىدى.

«پىروكسىما ب» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يېڭى پىلانېتانىڭ كائىناتتا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھەجىمى يەر شارىدىن 1.3 ھەسسە چوڭلۇقتىكى بۇ يېڭى پىلانېتانىڭ يەر شارىدىن 1.2 نۇر يىلى ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر