بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلى مۇئەييەنلىشىشكە باشلىدى

ئەتە (24 – ئاۋغۇست) ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدىغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

557394
بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلى مۇئەييەنلىشىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئەتە ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىن 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان پارلامېنت بىناسىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

چانقايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغان جو بايدىن، ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرشىشتىن كېيىن بايدىن كەچ تەرەپتە تۈركىيەدىن ئايرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر