فىرانسىيە ئاۋىياماتكىسى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىدۇ

فىرانسىيەنىڭ « Charles de Gaulle» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ئوتتۇرا شەرقتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىدۇ.

529368
فىرانسىيە ئاۋىياماتكىسى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت بىر دېڭىز فىلوتىنىڭ كۈزدە ئامىياماتكا رەھبەرلىكىدە دائېشقا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئولاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «بۇلتۇر يانۋار ۋە نويابىر ئايلىرىدا بىزگە ھۇجۇم قىلغانلارغا بىزمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىراقتا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇنزىتىم قوشۇنغا تېخىمۇ كۆپ  ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئولاند بۇ يەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ  فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇسۇلنى ئازاد قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇلتۇر 7 – يانۋار كۈنى پارىژدا چارلې ئابدۇ ژۇرنىلى ۋە مۇسەۋى سودا سارىيىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 17 كىشى، 13 – نويابىر كۈنى 6 رايونغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا بولسا 130 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن فىرانسىيە تۇنجى قېتىم « Charles de Gaulle » ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى دائېشقا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتكەن، 4 قوغدىغۇچى كېمە، بىر يەر ئاستى پاراخوت ۋە ماي قاچىلاش پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن مارت ئېيىدا فىرانسىيەگە قايتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر