ياپون قوماندان: خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرى كۈچىيىپ كەتتى

ياپونىيە ئۆز مۇداپىئە قىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك كاۋانو، بېيجىڭنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

521537
ياپون قوماندان: خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرى كۈچىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئۆز مۇداپىئە قىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك كاۋانو بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، يېقىنقى ئۈچ ئاينىڭ مابەينىدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇچۇشلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پولكوۋنىك كاۋانو بۈگۈن توكيودا سۆز قىلىپ، «خىتاينىڭ دېڭىز ۋە ھاۋادىكى پائالىيىتى كۆپىيىدىغاندەك قىلىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياپونىيە، خەلقئارا سوتنىڭ 12- ئىيۇلدا چىقىرىشى كۈتۈلۈۋاتقان بېيجىڭنىڭ ‹جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمى› گە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىدىن ‹قاتتىق ئەنسىرىمەكتە› دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر