كونيا خەلقئارالىق ھەربىي مانېۋىرغا ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرى خەلقئارالىق ھەربىي مانېۋىرغا ساھىبخانلىق قىلدى

514496
كونيا خەلقئارالىق ھەربىي مانېۋىرغا ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونيادا خەلقئارا ئىشىق 2016 ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋېرغا ئاكتىپ ۋە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە 19 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋېر كونيادىكى 3-غوللۇق ھەربىي بازىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ھەربىي مانېۋىرغا تۈركىيەدىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرىدىن سىرت ئەزەربەيجان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رومىنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا بېلگىيە، قاتار، كېنىيە، كوسوۋا، لىۋان، ماكېدونىيە، مالايشىيا، پولشا، سۇدان، چىلى، گىرېتسىيە، باڭلادېش ۋە سىنگاپۇر قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشىدۇ.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى مەقسەت ھەربىي خادىملارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە قوماندانلىق كونترول مۇساپىسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىكئۇچار، قوماندانلىق كونترول ئايروپىلانى بىلەن تىك ئۇچار ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە سەۋىيەلىرىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر