بېيجىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە ئىزاھات بەردى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۈگۈن (چارشەنبە) ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي پاراخوتى توغرىسىدا بايانات بەردى.

511336
بېيجىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، بۈگۈن (چارشەنبە) ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي پاراخوتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈش پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ‹خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چارلاش پاراخوتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى› توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە يۇقىرىقى ئىبارىلەر يېزىلغان باياناتىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر