سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى زادى قانداق ئارال؟

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خەلقئارا سوتنىڭ سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلدى.

503626
سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى زادى قانداق ئارال؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بىر مۇخبىرنىڭ سپىراتىل تاقىم ئاراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى رەت قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر مۇخبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭدىن فىلىپپىن بىلەن خەلقئارالىق سوتنىڭ سپىراتىل تاقىم ئاراللىرىنى «ئارال» ئەمەس، بەلكى «خادا تاش» دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. خۇا چۈنيىڭ سپىراتىل تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاراللار ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە شەرتسىز خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بار، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى خىتاي بىلەن بىر گەۋدە. تارىختا خىتاي بېلىقچىلىرى ئاراللاردا بېلىق تۇتقان، قۇدۇق كولىغان، تېرىقچىلىق قىلغان ۋە ئۆي سېلىپ يەرلەشكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا نۇرغۇنلىغان غەرب دېڭىزچىلىرى بۇ ھەقتە ئېنىق خاتىرە قالدۇرغان دەپ ئىزاھلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر