خىتاي ھۆكۈمىتى مۇداپىئە خامچوتىنى قىسقارتتى

بېيجىڭ دائىرىلىرى، دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ مۇداپىئە خامچوتىنى قىسقارتتى.

497125
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇداپىئە خامچوتىنى قىسقارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىقتىسادتىكى چېكىنىش يۈزىسىدىن ھەربىي خامچوتىنىڭ نورمال ئېشىش نىسبىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئارمىيەنى خامچوتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سەرپ قىلىشقا چاقىرغان.

شى جىنپىڭ ھەربىي مالىيەسىنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا باشقۇرۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، زور مىقداردا مالىيە تەلەپ قىلىدىغان چوڭ پىلان – لايىھەلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خەۋەردە يەنە، مالىيەنىڭ كىرىمنىڭ ئاز، چىقىمنىڭ كۆپ بولۇشتەك ھالەت نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي ئاستىلاش شارائىتىدا ھەربىي سەرپىياتلارنى نورمال ھالەتتە ئاشۇرۇشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى مۇداپىئە خامچوتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى؛ مۇداپىئە خامچوتى %7.6 ئاشۇرۇلدى، بۇ، يېقىنقى ئالتە يىلنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەتنىڭ مۇداپىئە خامچوتى 2015 – يىلى %10.1 ئاشۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر