چاملىجا جامەسىى

بىلىۋېلىڭ (59)

2054593
چاملىجا جامەسىى

چاملىجا جامەسىى

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرىنىڭ ئىستانبۇلغا جايلاشقانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 63 مىڭ كىشى سىغىدىغان ئەڭ چوڭ جامەسىى بولغان چاملىجا جامەسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 13- جامە ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار ناھىيەسى چېگرالىرى ئىچىدىكى چاملىجا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى 2013-يىلى باشلانغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يەر كۆلىمى 57 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

چاملىجا جامەسىنىڭ لايىھەسىنى ھايرىيە گۈل توتو ۋە باھار مىزراق خانىملار پىلانلىغان. جۈملىدىن بۇ ئايال بىناكارلار جامەنى 63 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىبادەت قىلالايدىغان، شۇنداقلا ئاياللار جامەدە بىمالال ئىبادەت قىلالايدىغان شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان.

بۇ لايىھەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى مېمار ھاجى مەھمەت گۈنەر تەييارلىغان. لايىھەلىگۈچىلەر يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جامەنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن ئەھۋالدا 100 مىڭ كىشى سىغالايدىغان شەكىلدە تاماملىغان.

ئېگىزلىكى 72 مېتىر كېلىدىغان جامەنىڭ ئاساسلىق گۈمبىزى ئىستانبۇلدا ياشايدىغان 72 مىللەتكە، دىيامېتىرى 34 مېتىر كېلىدىغان گۈمبىزى ئىستانبۇلغا سىمۋول قىلىنغان.

چوڭ چاملىجا جامەسىى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەرۋازىلىق ئىبادەتخانىلاردىن بىرى بولۇپ، چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئېگىزلىكى 6.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 6 توننا كېلىدۇ.

بۇ جامەنىڭ قورۇسى مۇزېي، سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا، مىڭ كىشىلىك يىغىن زالى، 8 ھۈنەر - سەنئەت سېخى ۋە 3500 ئاپتوموبىللىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

چاملىجا جامەسىى ئېچىلغاندىن بۇيان، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مىليونلارچە كىشى تەرىپىدىن پەقەت ئىبادەت ئۈچۈنلا ئەمەس، ساياھەت مەقسىتىدىمۇ زىيارەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر